ئۇيغۇر كىملىكىدە دەۋا قىلىش بىلەن شەرقىي تۈركىستان كىملىكىدە دەۋا قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجىلەر ئۈستىدە ئانالىز

Yazidi en Tutsi genocides besproken in het Europees Parlement ...

ئۇيغۇر كىملىكىدە دەۋا قىلىش بىلەن شەرقىي تۈركىستان كىملىكىدە دەۋا قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە:

1.   ئۇيغۇر كىملىكىدە دەۋايىمىز ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى مەركەز قىلغان شەكىلدە بولىدۇ.  ئېرقىي قىرغىنچىلىق ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئېنىق بېكىتلگەندە خەلقئارا قانۇن ۋە رىم ئەھدىنامىسى روھى بويىچە ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەرىكەت قوللىنىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، ناتو قاتارلىقلارنىڭ ۋەتگەنگە كىرىشى ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ياردېمىسى ئاستىدا ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ نازارىتىگە ئۆتۈش ئىمكانلىرى تۇغۇلىدۇ. بۇ ئىمكانلار بىزنىڭ خىتاي جىنايىتىنى خەلقئارا سوتقا تارتىش ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ۋە پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شەرقىي تۈركىستان نامىدا دەۋا قىلىنغاندا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېرقىي قىرغىنچىلىق ماھىيەت جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورتاق ئېلىپ بېرىلغان زۇلۇم تۈسىنى ئالىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مىللەتلەر بۇ زۇلۇم دائىرىسىگە كىرىدۇ ۋە خاراكتېر جەھەتتىن پۈتكۈل خىتاي تېرىتورىيىسىدىكى خەلقلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن ئىبارەت بىر مۇستەبىت، دىكتاتور ، فاشىست ھاكېمىيەتنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغانلىقى دەپ قارىلىپ، خەلقئارادىن ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى تۇغۇلىدۇ. بۇ دېگەنلىك ئېرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خاراكتېرى ھاكېمىيەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قىلغان زۇلمىغا ئايلاندۇرۇلدى دېگەنلىك بولۇپ،ئېرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى خەلقئارانىڭ نازارىتىگە دائىرىسىگە ئېلىش، خەلقئارا تېنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ياكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپلىرىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا بۇ زېمىنغا كىرىش ئىمكانىيەتلىرى قالمايدۇ.

 

 

2.   شەرقىي تۈركىستاننى قايتۇرۇپ ئېلىش دەۋاسىنى قىلغاندا،

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختا ئىككى قېتىم قىسقا ۋاقىت ھاكېمىيەت بولغانلىقى ۋە بۇ زېمىننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش يولى بىلەن دەۋا قىلىشتىن مۇستەقىللىققە يېتىش ئېھتىمالى قانچىلىك؟

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت بولغانلىقى دۇنيا بىلىدىغان ھەقىقەت. ئەمما بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان دېگەن بىر زېمىننىڭ 70يىل بۇرۇن خىتاي ھاكېمىىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. چۈنكى بۇ ھەقتە خىتاي دۇنياغا <تېنچلىق بىلەن ئازاد بولۇش>شوئارى ئاستىدا ئېتىراپ قىلدۇرغان. ب د ت نىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىنىڭ مەقسىتى دەل خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى خەلقئارادىن ئېتىراپ  قىلىشنى مەقسەت قىلغان. خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى خەلقئارا قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش يەنىلا خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.  ئەگەر  شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى قىلىۋاتقانلار بۇ قانۇنىي ئاساس ۋە يېتەرلىك ئىسپاتلارغا ئىگە بولغىنىدا، بۇ مەسىلە خەلقئارا سوت ئارقىلىق ئېلىپ  بېرىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ چاغدا شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى بېسىۋېلىنغان زېمىن دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ھالەتتە تارىختىكى ئىككى قېتىملىق قۇرۇلغان ھاكېمىيەتنىڭ قايسىسىنىڭ تېرىتورىيەسى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولىدۇ؟ جەنۇبنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمۇ؟ شىمالنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمۇ؟ ئەمما بۇ تېرىتورىيە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى تېرىتورىيەسى بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ. چۈنكى دەۋانىڭ مەقسىتى تارىختىكى قۇرۇلغان دۆلەتنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننى ئېتىراپ قىلمايدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ.

 

ئۇيغۇر كىملىكىدە ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى دەۋا قىلغاندا،

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى دەۋا قىلىش <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى >ئاتالغان، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى لېنىننىڭ 1913-يىلىدىكى كوممۇنىست ئىدولوگىيىسى ئاساسىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مىزانى بويىچە   1955-يىلى مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونوم رايون دەپ بېكىتىگەن بۇ زېمىندا مۇشۇ زېمىننىڭ خىتاي قانۇنىدا زېمىن ئىگىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بىر خەلققە نىسبەتەن ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلىنغانلىقى دەۋا قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارغا قارىتلغان ئېرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلدۇرۇلىشى بۇ ئېرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نىمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە ئىزدېنىش ۋە جاۋاب تېپىش باسقۇچلىرىنى تەبىئىي ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. بۇ دېگەنلىك بۇ زېمىندا نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بارلىقى، ئاپتونوم رايون دەپ بېكىتىلىشنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بۇ زېمىندا 1949-دىن بۇرۇنقى ئىككى قېتىملىق ھاكېمىيەت قۇرۇلۇش تارىخىي، ئاتالمىش <تېنچلىق بىلەن ئازاد بولۇش>تىن باشلانغان 70يىللىق تېنچسىزلىقنىڭ سەۋەبى ئېنىقلىنىدۇ.......بۇ جەريانلار ئەلۋەتتە بۇ زېمىننىڭ تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەسلىكى، يېقىنقى زامان تارىخىدا بۇ زېمىننى مۇستەملىكە قىلغان مانجۇ، مىنگو دۆلىتى ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۆرەشلەر ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى.........قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار تەبىئيي يوسۇندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى قاراپ چىقىلمىسا ۋە توغرا ھەل قىلىنىشقا ئېرىشمىسە بولمايدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. دېمەك بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىننىڭ تارىخىي ئىگىسى ۋە زېمىننىڭ خىتاي تەشۋىقاتىدىكى <تېنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغان رايون>، <مىللەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى>يالغانلىرى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئېرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك دۇنياغا ئاشكارە بولىدۇ. بۇ سەۋەبلىك خىتاي ھاكېمىيىتىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىش تاللىشىمىز خەلقئارادا ھەقلىق ھېسابلىنىش ۋە قوللاشقا ئېرىشىش باسقۇچىغا يۈزلىنىدۇ. خەلقئارانىڭ قوللىشى مۇستەقىللىقنىڭ ئەڭ چوڭ ئاساسىدۇر.

 

بۈگۈن پەقەت ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئېرقىي قىرغىنچىلىقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكېمىيىتىدىن ئۈزۈل – كېسىل قۇتۇلۇپ، ھۆرلۈك قەدېمىنى ئېلىشتىكى بىردىنبىر چىقىش يولىدۇر!  ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى پۈتكۈل دۇنيادا ئەڭ زور تەسىر پەيدا قىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە خەلقئارادا ئەڭ چوڭ قىزىقىش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈش تارىختىكى ئەڭ يۈكسەك باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن بۇ دەۋردە، ئۇيغۇرلار ئۆزى زېمىننىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىدىن ۋە بۇ سەۋەبلىك ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلىنغانلىقىنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ 70يىللىق سىياسىي سۈيقەستىنى بىتچىت قىلىپ، ئۆز ھەقلىرىنى قولىغا ئېلىش يولىغا مېڭىشىغا قارشى چىقىشنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدېنىش ۋە بۇنىڭغا قايىل قىلارلىق جاۋاب ئېلىش تولىمۇ زۆرۈردۇر.

 ئۇيغۇر زېمىنىنى كۆپ مىللەتلىك زېمىن، كۆپ مىللەت ئورتاق ياشىغان زېمىن دېگەن قاراشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى كۆپ مىللەت ئورتاق ئۇچرىغان ھاكېمىيەتنىڭ خەلققە قىلغان زۇلمىغا ئايلاندۇرۇشنى مۇستەقىللىقنىڭ ئاساسى دەپ قاراشنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي ياكى رېئال ئەھمىىيىتى يوقلىقىنى چۈشىنىش كۆرەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش،  ئۇ زېمىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى خەلقئارادا قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش يولىدا خەلقئارالىق بىرلىك ھاسىل قىلىش، دۇنياغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىمىزنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.

خەلقئارا نىزاملاردىن مۇستەسنا ھالەتتە پەرەزلىرىمىزگە ئاساسەن چىقىرىلغان مەۋھۇم نىشانلار  بىزنىڭ رېئاللىقتىن، بىزگە كەلگەن بۇ تارىخىي پۇرسەتلەردىن تېخىمۇ ئۇزاقلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

 

ئاسىيە ئۇيغۇر

 


Reacties

Populaire posts van deze blog

مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئاساس بولىدىغىنى نىمە؟

مۇستەقىللىقىمىز ئۇلۇسچىلىق يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر كىملىكىمىزدە ئېرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچرىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاش بىلەن قولغا كېلىدۇ!

قۇتۇلۇش يولى پەقەتلا ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمىزنى دەۋا قىلىش!