مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئاساس بولىدىغىنى نىمە؟
ئۇيغۇرلار تارىختا ناھايىتى كۆپ دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. ئەمما ئۇلار ھەر زامان ئۇيغۇرلۇقتا ياشىغان، مىللىي كىملىكىنى ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزگەرتىۋەتمىگەن. بۇ تارىخلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بايلىقلاردۇر. ئىنسان ئۆزىنىڭ قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى تاللاشقا ھوقۇقلۇق بولسىمۇ، ئەمما قايسى مىللەتكە تەۋە بولىشىنى تاللاشقا قادىر ئەمەس. شۇنداق بولغانلىقى سەۋەب، ھەر مىللەتنىڭ ئۆزتۇپراقلىرىدا ئۆزىگە مەنسۇپ دۆلەتلىرىنى قۇرۇشى ب د ت تەرىپىدىن ئىلھاملاندۇرۇلغان ۋە يەنە شۇ سەۋەب، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1960-يىلى ماقۇللانغان <مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەتلەرگە مۇستەقىللىق بېرىش باياناتنامىسى>نىڭ روھىغا ئاساسەن، 1988-يىلى 43-44-نومۇرلۇق <مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش خەلقئارالىق 10يىل>لىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىش، تەبىئىيكى ئۇيغۇرلار زېمىنىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغانلىقىنى ۋە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان 70يىلدا خىتاينىڭ ئېرقىي يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەنلىكىنى دەلىللەشنىڭ ئۆزىلا مۇستەقىل بولۇشقا پۈتۈنلەي ھەقلىق ئىكەنلىكىمىزنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىنى قوللىشىغا ئېرىشىش ئىمكانلىرى تۇغۇلىدۇ! مۇستەقىللىقنىڭ ئېتېىقادىڭىز بىلەن، مەسىلەن، مۇسۇلمان ياكى خىرىستىئان ۋە ياكى دىنسىزلىق بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق. چۈنكى ھازىرقى زاماندا دۆلەت بولۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان كۆز قاراش، ئىدىيە ۋە دىنىي ئېتىقادتىكىلەر بىلەن بىرگە ياشىيالايدىغان بولۇشىڭىز نورمال دۆلەت بولۇشىڭىزنىڭ، خەلقئارا جامائەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىڭىزنىڭ ئاساسىدۇر. شۇڭا، خىتايدىن ئۈزۈل - كېسىل مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولغانلىقىڭىز ئەمەس، بەلكى خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىڭىز سەۋەب بولالايدۇ. چۈنكى، ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان مىللەت، ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچى مىللەت بىلەن بىرگە ياشاش ئىمكانى ئاساسەن بولمايدۇ.
دۆلەت بولۇشىڭىزدا مۇھىم رولى بولغىنى پەقەت مىللەت كىملىكىڭىز ۋە بۇ كىملىكتە سىزگە مەنسۇپ بولغان زېمىن، تۇپراق. ناۋادا مۇستەملىكە قىلىنغان بولسىڭىز ھەق - ھوقۇقلىرىڭىزنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلگەن ياكى ئەمەسلىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللاردۇر. مەسىلەن، كاتالونىيالىقلار تارىختا مۇستەقىل پادىشاھلىق بولغان، ئەمما ھازىر ئىسپانىيە دۆلىتىگە قارايدۇ. ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان ئامىل يوق، چۈنكى ئۇلار دېمۇكراتىك بىر ئەلدە ، ھەق - ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان شارائىتتا ياشىماقتا. كوسوۋو تارىختىن مۇستەقىل بىر دۆلەت بولمىغان، ئەمما كوسوۋولۇقلار سېربىيە دۆلىتىدە ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىق سەۋەب، مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. شىمالىي ۋە جەنۇبىي سۇدانلار ئەسلىدە بىر دۆلەت ئىدى. ئىككى مىللەت ئارىسىدا ئېرقىي توقۇنۇش بولغىنى سەۋەب 2011-يىل جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىل بولدى. ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىگە ئاساس بولغىنىمۇ دەل مىللەت سۈپىتىدە ئۇچرىغان ئېرقىي قىرغىنچىلىق. يەھۇدىيلارمۇ ئېرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبلىك مۇستەقىل بولدى.
ئاسىيە ئۇيغۇر
https://www.facebook.com/photo.php?fbid=3128752343827505&set=pcb.3128839487152124&type=3&theater

Reacties
Een reactie posten