<ئىنسان يارىلىشىدىن باراۋەردۇر!> Insan yarilishidin barawardur!

https://www.facebook.com/asiyeablat.aslima/posts/3034955826540491?comment_id=3035010826534991

<ئىنسان يارىلىشىدىن باراۋەردۇر!>


ئاسىيە ئۇيغۇر

图片中可能有:1 位用户、站立和西装图片中可能有:5 位用户


خىتاي ئۇلۇسچىلىقنى ئۇيغۇرلارنى ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ۋە باشقا مىللەتلەرنى پۈتۈنلەي ئېرىتىپ تۈگىتىشتە قوللاندى. ئامېرىكا ئۇلۇسچىلىقنى ئامېرىكا تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىئش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇلۇسى كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش، ئامېرىكىلىق كىملىكى بىلەن ياشاشتا قوللاندى. ھەر ئىككى دۆلەت ئوخشاش ئۇلۇسچىلىقنى تاللىغان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ قىممەت قاراشلىرى، قانۇن ۋە تۈزۈملىرىدىكى پەرق ئىككى دۆلەتتە ئوخشاش ئۇلۇسچىلىق تاللىشىدىن پەرقلىق نەتىجە ھاسىل بولۇشىغا سەۋەب بولدى. بولۇپمۇ ئۇلۇسچىلىق ھەر ئىككى دۆلەتتە ھاكېمىيەت كۈچى ۋە قانۇن بىلەن ئەملىيلەشتى. ئۇلۇسچىلىق ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلىشقا كۈچى بولمىغان بىر خەلق ئېلىپ بارالايدىغان ھەرىكەت ئەمەس. ئەگەر بىزگە شۇنداق بىر پۇسسەت كېلىپ، دۆلىتىمىز بولغىنىدا ئۇلۇسچىلىقنى خۇددىي بۈگۈنكى گوللاندىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، روسسىيە ......لەردەك ئۇيغۇرغا مەنسۈپلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدىغان نامدا بىزدىن باشقا بۇ زېمىندا بىز بىلەن بىرگە ياشايدىغان بارلىق خەلقلەرنىڭ باراۋەر ھەق - ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان دۆلەت قۇرساق، ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا بۇ زېمىن ئۇيغۇرغا مەنسۇپ بولۇپ داۋاملىشىپ، كېيىكى ئەۋلاتلار ئىچىدە زېمىن دەۋاسى قىلىدىغان، ئۆز تۇپرىقىنى نىمە دەپ ئاتاشتا قىينىلىدىغان، ئۆز كىملىكىنى خىتاي قويۇپ بېرىپتىكەن دەپ ئېزىپ قالىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولۇشى مۇمكىن.

خىتاي ھاكېمىيىتى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇپراقلىرىنى تاجاۋۇز قىلىپ ئېلىۋالغان 1949-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە خىتايدىن باشقا بىر مىللەت خىتاي دۆلىتىنى باشقۇرىدىغان يۈكسەك نوقتىدىكى ھاكېمىيەت بېشىغا چىققان ئەمەس. ئەمما ئامېرىكا <ئىنسان يارىلىشىدىن باراۋەر! >پرىنسىپى ئاستىدا مۇكەممەل قانۇن تۈزۈلمە ۋە ھەقىقىي باراۋەرلىك، ئەركىنلىك بولغان بىر جەمىيەت بەرپا قىلالىغانلىقى ئۈچۈن ئاق تەنلىك بولمىغان ئوباما پرېزدېنت بولالىغان، خىتاي مىللىتىدىن بولغان جاۋ شاۋلەن، سومالىي ئېرقىدىن بولغان مۇسۇلمان ئايال ئىلخان ئۆمەر، ئافغان ئايال سىياسىئون نىكئكىي خالەي ئاق ساراي ۋە ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدە مەنسەپدار بولۇشقا مۇيەسسەر بولغان. خىتاي پۇشتىدىن بولغان ياڭ ئەنزې پرېزدېنت ترامپقا قارشى سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغاندا، ناھايىتى كۆپ ئامېرىكىلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇنداق مىساللار ئامېرىكا تارىخىدا ناھايىتى كۆپ. بۈگۈنكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئامېرىكىلىقلار بىلەن باراۋەر يوسۇندىكى بارلىق پۇقرالىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىمىزمۇ بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر! مانا بۇ باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك بولغان جەمىيەتتىكى بىر قەدەر ئۇتۇقلۇق بولغان ئۇلۇسچىلىق مىسالى. ئامېرىكا دەل ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقاد، ئوخمىغان ئېرق، ئوخشىمىغان قىممەت قاراشتىكى كىشىلەرنى <ئىنسان يارىلىشتىن تارتىپ ئەركىن ۋە باراۋەردۇر>پرىنسىپى ئاساسىدا بىر دۆلەت ئىچىدە ، شەخس ئەركىنلىكى دەخلىسىز ھالەتتە ئوخشاش ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان بىرئۇلۇس دۆلەت. بىز بۇ نوقتىغا يېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھازىرقى ھالىتىمىزدىن قۇتۇلۇشىمىز ۋە باشقىلارنى ئۇلۇس قىلىشقا قايىل قىلىدىغان ھەممىباپ ھەمدە قايىل قىلىش كۈچى بولغان قىممەت قاراشلارنى يارىتالىشىمىز، شۇنداقلا ئۇلۇسچىلىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يۈكسەك سالاھىيەت ھازىرلىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشىمىز كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، بۇنداق بىر تەشەببۇستىن بىز كۈتكەن نەتىجىلەر چىقىشىنى كۈتكىلى بولمايدۇ.

Reacties

Populaire posts van deze blog

مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئاساس بولىدىغىنى نىمە؟

مۇستەقىللىقىمىز ئۇلۇسچىلىق يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر كىملىكىمىزدە ئېرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچرىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاش بىلەن قولغا كېلىدۇ!

قۇتۇلۇش يولى پەقەتلا ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمىزنى دەۋا قىلىش!