مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئاساس بولىدىغىنى نىمە؟
ئۇيغۇرلار تارىختا ناھايىتى كۆپ دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. ئەمما ئۇلار ھەر زامان ئۇيغۇرلۇقتا ياشىغان، مىللىي كىملىكىنى ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزگەرتىۋەتمىگەن. بۇ تارىخلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بايلىقلاردۇر. ئىنسان ئۆزىنىڭ قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى تاللاشقا ھوقۇقلۇق بولسىمۇ، ئەمما قايسى مىللەتكە تەۋە بولىشىنى تاللاشقا قادىر ئەمەس. شۇنداق بولغانلىقى سەۋەب، ھەر مىللەتنىڭ ئۆزتۇپراقلىرىدا ئۆزىگە مەنسۇپ دۆلەتلىرىنى قۇرۇشى ب د ت تەرىپى دىن ئىلھاملاندۇرۇلغان ۋە يەنە شۇ سەۋەب، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1960-يىلى ماقۇللانغان <مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەتلەرگە مۇستەقىللىق بېرىش باياناتنامىسى>نىڭ روھىغا ئاساسەن، 1988-يىلى 43-44-نومۇرلۇق <مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش خەلقئارالىق 10يىل>لىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىش، تەبىئىيكى ئۇيغۇرلار زېمىنىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغانلىقىنى ۋە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان 70يىلد...
Reacties
Een reactie posten