11-سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 18-يىلىدا ئۇيغۇرلار

ئاسىيە ئۇيغۇر
18يىل ئاۋۋالقى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدا دۇنيانى لەرزىگە سالىدىغان بىر پاجىئە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ پاجىئە دەل بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ ئىچىدە بولغان 3000 بىگۇناھ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان 11-سىنتەبىر تېرورلۇق ۋەقەسىدۇر. بۇ ۋەقەگە ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن خەلقلەر قايغۇرغان ۋە ئەپسۇسلانغانىدى. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردىكى خىتاي ئاخپاراتلىرىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇ ۋەقەگە نىسبەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېن لادېننى قەھرىمان دەپ سۈپەتلەشكىنىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق بىر ۋەقەگە ئۇچرىغانلىقىدىن ناھايىتىمۇ خۇش بولۇشقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆزلىرىگە سىغدۇرالمايدىغان خىتايلار، بېن لادېننى قەھرىمان ھېسابلايدۇ؟ بۇ ھەقتە شۇ يىللاردىكى ئۇيغۇرچە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىمۇ 11-سىنتەبىر ۋەقەسى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ خەۋەرلەر تارقىتىلغان. ئەسلىدىنلا ئىسلام دىنىغا ئېىتقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى يامان كۆرىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، پەلەستىننى ئىزچىل قوللاپ كېلىشى، مۇسۇلمان ئەللەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە غەرب ئۆچمەنلىكى جەھەتتە مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش مەيداندا تۇرۇشى ئەلۋەتتە سەۋەبسىز ئەمەس.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئەسلىدىكى <خىتاي سوۋېت جۇمھۇرىيىتى> ۋە بۈگۈنكى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى> ئىزچىل سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ كەلگەن بولۇپ، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تارىخىغا قارايدىغان بولساقمۇ، ئوتتۇرا شەرقتە ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دەل سوۋېت كوممۇنىسىت ئىدولوگىيىسى بىلەن قوراللىنىپ، ئۆز مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىدە غەلىبە قىلىپ دۆلەت قۇرالىغىنىنى كۆرىمىز.
دەرۋەقە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى يىللاردا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېمۇكراتىك ئىدولوگىيىسىدىكى دۆلەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام ئەللىرى بىلەن بىرلىكسەپ تۈزگەن ۋە ئۇلارغا ئىقتىساد، ھەربىي كۈچ ۋە قورال ....قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ياردەم قىلغان. شۇنداقلا، ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلقئارالىق تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كوممۇنىست ئىدولوگيىسى ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغان.
ئۆز نۆۋىتىدە خىتايمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاشلا، دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، غەرب دېمۇكراتىك قىممەت قاراشلىرى ئۈزۈل كېسىل مەغلۇپ قىلىش ۋە كوممۇنست ئىدولوگيىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇشتەك ياۋۇز نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ھېيلە - نەيرەڭلىك دىپلوماتىيە ئويۇنى ئوينىغان ۋە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
باشقىنى قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنى تۇتقا قىلىپ، خەلقئارالىق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سېپىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىشىگە قارىساقمۇ، بەخستسىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تېرورلۇق جىنايىتى بىلەن بىگۇناھ ئەيىبلىنىپ، يىگىرمە يىلغا يېقىن بۇ ئۇزۇن ۋاقىتتا ئورنىنى تولدۇرۋالغۇسىز زورۋە قانلىق بەدەللەرنى تۆلىشى كىشىنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۈتكۈل دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن بەكمۇ كېچىكىپ كەلگەن بۇ جاكارنامە، مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگىرلىرىدا، ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان ئۆز ۋەتىنىدە، خىتاي دۆلەت تېرورلۇقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىدەك بۇ ئېچىنىشلىق تراگېدىيەنى توختىتىشقا قادىر بولالمايۋاتىدۇ.
بۈگۈن ئۇيغۇرلار گەرچە ئۆز قىسمەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ئاستا - ئاستا چۈشىنىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا نىسبەتەن يەنىلا توغرا تونۇشقا ئىگە بولالمايۋاتىدۇ. ئەسلىدە دۇنيادا زوراۋانلىق ، بۇزغۇنچىلىق، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن جەمىيەتتە قورقۇنچ پەيدا قىلىپ، جامائەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ شەخس مۈلكىگە زىيان سېلىش ياكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى ئىشقا سېلىپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى، قىممەت قاراشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەر تېرورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئەسلىدە دۆلەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا دۆلەت تېرورلۇقى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەڭ چوڭ تېرورچى ئىدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ تېرورچى تەشكىلات ئۇيغۇر خەلقىگە تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى ئارتىپ ۋە بۇ تۆھمەتلەرنى ھەر خىل ۋاسىتلەر بىلەن خەلقئارادىكى تېرور تەشكىلاتلىرىغا باغلاش ۋە ئۇلارنى تەن ئالدۇرۇش ئارقىلىق، خەلقىمىزنىڭ ھەقلىق كۆرەشلىرىنى تېرورلۇق نامىدا يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. خەلقئارا نىزاملاردىن، خەلقئارا ۋەزىيەتتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالدۇرۇلغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ بۈيۈك خەلقئارالىق سىياسىي قىلتاقلىرىغا ئاسانلا چۈشۈپ، پاك ئېتىقادىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزلىرىنى ئەيىبلەشكە ئىشلىتىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلىشمىغانىدى. خىتاينىڭ خەلقىمىز ئىچىدە ئېلىپ بارغان غەرب ئۆچمەلىكىمۇ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەتتا بۇ ئۆچمەنلىك تەشۋىقاتىنىڭ كۈچىدىن، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسى ئارىسىدكى بۇ سىرلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەينىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ غەربنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ نوقتىدا ئورتاقلىق ھاسىل قىلغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمىگەنىدى. ئەسلىدە <دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى، مېنىڭ دوستۇم>بولۇشى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە <دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنىمۇ مېنىڭ دۈشمىنىم>بولۇپ قالدى. يەنى، غەرب ئۆچمەنلىكى جەھەتتە ئۇيغۇرلارنڭ كۆپ قىسمى خىتاي بىلەن ئورتاق قاراشتا ئىدى. ھالبۇكى دەل بۇ خاتالىق ئۇيغۇر خەلىنى ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە ئېلىپ باردى. خەلقئارا جىھادىزىملىق تېرورلۇق دەپ قارىغىنىدا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جىھادىزىملىق زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىندى. دۇنيانى مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئايرىشنىڭ خاتا قاراش ئىكەنلىكى ھەققىدە دۇنيا خەلقى ئورتاق قىممەت قاراشنى شەكىللەندۈرگەندە، ئۇيغۇرلارغا يەنىلا بۇ قىممەت قاراشلار قوبۇل قىلدۇرۇلمىدى. مانا بۈگۈن خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ ئۆز ھەقلىرىنى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن قىلغان كۆرەشلىرى ۋە بۇ كۆرەشلىرى جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرى بىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن شۇ قىسمەتلەر، شۇنداقلا بىزنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، ئىنسانىي ھەقلىرىمىزنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى دۇنياغا توغرا ئاڭلىتىش ئۈچۈنمۇ ئەقىل كېرەكلىكى ۋە دۇنيا ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا ئەگىشىشىمىزنىڭ قۇتۇلۇشتىكى بىردىنبىر ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك يول ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەن بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئالاقىمىز ئۈزۈلگەن ۋە مىللەت بويىچە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر پەيتتە، ئارىمىزدا ئۆز قىسمەتلىرىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. دېمەك، ھايات - ماماتلىق تاللاش بىزگە قۇتۇلۇش يوللىرى ئۈستىدە توختىماي ئىزدەنمەكتىن باشقا چارىمىزنىڭ يوقلىقىنى ئۆگەتكەنىدى.

مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش، يوقاپ كەتمەسلىك، ئۇچرىغان ناھاقچىلىكلەر ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش، بىزنى بۇنچە زۇلۇم كۆرۈشكە مەجبۇر قىلغان، بىزگە تۈرلۈك قىلتاقلارنى قۇرۇپ، ئىنساندەك ياشاش ھەققىمىزنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىغان ھەقىقىي تېرورچى خىتاي ھاكېمىيىتىنى، ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىش بىلەن جازاغا تارتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. بىز خىتاينى قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازاغا تارتىشتا ئەلۋەتتە پۈتكۈل دۇنيانىڭ ياردېمىگە مۇھتاجمىز. ئۇنداقتا بۇ ياردەم نېمىدىن كېلىدۇ؟
بۇ ياردەمنى ئۇيغۇر خەلقى ، دۇنيادىكى 95پرېسەنت خەلق <توغرا >دەپ قارىغان ئىشلارغا ئەگىشىش، <خاتا >دەپ قارىغان ئىشلارنى ئۇلارغا قوشۇلۇپ <خاتا >دېيىش بىلەن قىسقىسى، دۇنيا ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا ئەگىشىش بىلەن قولغا كەلتۈرىدۇ.
ئۇنداقتا دۇنيا ئورتاق قىممەت قاراشلىرى دېگەن نىمە؟
غەرب پەلسەپە ۋە ئىنسانشۇناسلىقىدا قىممەت قاراش بولسا چېگرا ، ئېرق، دىن ۋە ئېتىقاد ئايرىماستىن ئىنسانىي ۋىجدان ۋە غۇرۇر ئۈستىگە قويۇلغان قاراش ئىنسانىيەت ئورتاق ئېتىراپ قىلغان قىممەت قاراش يەنى ئورتاق قىممەت قاراشلار ھېسابلىنىدۇ.زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش يوللىرى دەل مۇشۇ قاراشلارنى قوبۇل قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، تېنچ دەۋرى باشلانغاندىن بۇيان ئېزىلگەن ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەتلەرگە قىلىنغان ياردەم دەل مانا مۇشۇ قىممەت قاراشلارنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا روياپقا چىققان.........
ئاخىرىدا 11-سىنتەبىر ۋەقەسى سەۋەبلىك خەلقئارا تېرورلۇقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ھېسداشلىقىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىىڭ بۇ زۇلۇمدىن تېزراق قۇتۇلۇشىمىزنى ئىگىمىزدىن تىلەيمەن.

Reacties
Een reactie posten